باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: ھېچقانداق بىر كۈچ رۇسىيىنى قورقۇتالمايدۇ

2014.12.22 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 20-دېكابىر موسكۋادا، ھېچقانداق بىر ئادەم (كۈچ) رۇسىيەنى قورقۇتالمايدۇ ياكى يېتىم قالدۇرالمايدۇ، رۇسىيە ھەر ۋاقىت ئۆز دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇقىملىق ۋە جەمئىيەتنىڭ بىرلىكىگە بولغان تەھدىتلەرگە مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييار، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

  پۇتىن شۇ كۈنى كرېمىل سارىيىدا خەۋپسىزلىك ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا مۇنداق كۆرسەتكەن: نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ئانچە مۇقىم ئەمەس، تەھدىت ۋە خەۋپ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا، خەلقئارا قانۇن بولسا كۆزگە ئىلماسلىق، كۆز بوياش، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، ئىقتىسادىي ۋە ئالاقە جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئۇچراپ، رادىكال كۈچلەر ۋە مىللەتچىلىكنى ئاساس قىلغان تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىسكەنجىگە ئىلىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل دۆلەتنى كونترول قىلىۋېلىشتەك قىلمىشلار ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالماقتا.

  پۇتىن، مەيلى ئىلگىرى ۋە ياكى كەلگۈسىدە بولمىسۇن، ھەرقانداق بىر ئادەم رۇسىيەنى قورقۇتالمايدۇ، تەھدىت سالالمايدۇ ھەمدە يېتىم قالدۇرالمايدۇ، رۇسىيە ھەر ۋاقىت ئۆز دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇقىملىق ۋە جەمئىيەتنىڭ بىرلىكىگە بولغان تەھدىتلەرگە مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييار، دەپ تەكىتلىگەن.

  پۇتىن يەنە، بۇ يىلىدىن بۇيان رۇسىيە 60 قېتىملىق تېررورلۇق جىنايىتىنى تىزگىنلەپ، 46 تېررورلۇق ۋە رادىكال تەشكىلاتنى بىتچىت قىلدى، دېگەن. ئۇ بارلىق خەۋپسىزلىك ئورگىنىدىكى خادىملارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ئورگانلار بىلەن بىرلىشىپ، تېررورىزم، رادىكال، مىللەتچىلىك ۋە چەتكە قېقىش ئىدىيىسىگە زەربە بېرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەشكە چاقىرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر