باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014–يىلىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر

2014.12.24 08:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاچقۇچلۇق سۆز -- چەت ئەللەرگىچە قوغلاپ تۇتۇش

  2014 – يىلى ئېلىمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ، چەت ئەللەرگە قېچىپ كەتكەن چىرىك ئەمەلدارلارنى تۇتۇپ زەربە بېرىش سالمىقى مىسلىسىز زور بولدى . ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ‹‹تايغان 2014›› ناملىق چەت ئەللەردىكى ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش ، قېچىپ كەتكەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە ، 58 دۆلەت ۋە رايوندا ئىقتىسادىي جىنايەتكە چېتىشلىق 396 كىشى قولغا ئېلىندى ، بۇنىڭ ئىچىدە دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى نەچچە 10 مىليون يۈەندىن ئاشقانلار 100 دىن كۆپ بولۇپ ، قولغا ئېلىنغانلار بۇلتۇرقىدىن ئىككى ھەسىسە ئارتۇق .

  رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى قاتارلىق خەلقئارالىق پائالىيەتلەردە ، خەلقئارالىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى، چەت ئەللەرگە قېچىپ كەتكەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش مەسىلىسىنى ئاز دېگەندىمۇ يەتتە قېتىم تىلغا ئالدى. 11 – ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹بېيجىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى›› ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا تەستىقلانغان ‹‹20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2015 – 2016 – يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەت پىلانى›› پۈتكۈل دۇنيانىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

  ۋاڭ يۈكەي قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى : بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يولغا قويۇلغان چەت ئەللەرگە قېچىپ كەتكەنلەرنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ چىرىك ئەمەلدارلارنى چۆچۈتۈپ، ئۇلارغا چەت ئەلنىڭ ‹‹يوشۇرۇنىدىغان جەننەت›› ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق تورى ۋە ئۇچۇرى دۆلەت ھالقىپ قوغلاپ تۇتۇشنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، چېگرا ھالقىپ ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.

  ئاچقۇچلۇق سۆز -- ھوقۇق تىزىملىكى

  بۇ يىل ئەمەلدارلار ئارقا – ئارقىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن،چىرىكلىشىشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىنى قانداق قىلغاندا يوقاتقىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالغا ‹‹ھوقۇق تىزىملىكى››نى ئېنىق ئايرىش كېرەك، دەپ ئورتاق جاۋاب بېرىلدى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا ھۆكۈمەت ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇقنى ئىجارىگە بېرىش ۋە ئىجارىگە ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش بوشلۇقىنى قەتئىي تۈگىتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جايلاردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلولىرىدا ‹‹قابىللار چىرىكلىشىش›› ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىپ، ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارا چىرىكلىشىشتەك ‹‹چەمبىرەك مەدەنىيىتى›› ئەۋج ئالدى، تېگى – تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بۇ ئەھۋال ھوقۇق چەكلىمىسىنىڭ كەمچىلىكىدىن كېلىپ چىققان. ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىنكاسى ۋە يەرلىكتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ دوكلاتىدا ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

  مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە ‹‹ھوقۇق تىزىملىكى››نى ئېلان قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى نامايان قىلىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۈزۈم جەھەتتە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈپتىن ياخشىلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان گوۋۇيۈەن جەمئىيەتكە ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ھازىرقى مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى تىزىملىكىنى تۈركۈم بويىچە ئېلان قىلدى، بۇ، 60 تارماقنىڭ 1235 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خېبېي، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا ھوقۇق تۈرلىرىنى ئاشكارىلاش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭ مۇنداق دېدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، تەكرار ۋە مۈشكۈل بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. قاراتمىلىققا ئىگە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. ‹‹ھوقۇق تىزىملىكى››نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى چەك – چېگراسى مۈجمەل، قاتمال يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھوقۇقنىڭ ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ نازارىتىدە ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ،چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ‹‹چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق›› نى تۈزۈم چەكلىمىسىدىكى ‹‹چىرىكلەشمەسلىك››كە ئۆزگەرتىشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ.

  ئاچقۇچلۇق سۆز -- چىرىكلىككە قانۇن بويىچە قارشى تۇرۇش

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا بوشاشماي قاتتىق زەربە بېرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم تەدبىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. 4 – ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا ‹‹رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىگە ئارىلىشىش، كونكرېت دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قول تىقىش خاتىرىسى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى تەسىس قىلىنىدۇ›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن – تۈزۈم سىسىتېمىسى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  بىر يىلدىن بۇيان بو شىلەي، ليۇ جىجۈن، ليۇ تيېنەن قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلدار ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ چىرىكلىشىش دېلوسى ئاشكارا سوت قىلىندى. جايلار چىرىكلىشىش دېلولىرىنى سوتلىغاندا، تەرتىپنىڭ ئادىللىقى ۋە ئەمەلىي دەلىل – ئىسپاتنىڭ تولۇق بولۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تەكىتلىدى، بۇ، مەركەزنىڭ ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش›› غەيرىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  جۇڭگو سىياسىي – قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما دېخۇەي مۇنداق دېدى: مەركەز بىر قولدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، يەنە بىر قولدا تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ئاشكارىلاش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەردە قانۇن چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئارقىلىق ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، ‹‹چىرىكلەشمەسلىك››نىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر