باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما رۇسىيەنى جازالاش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى

2014.12.22 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 18-دېكابىر رۇسىيەنى يەنىمۇ جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ھوقۇق بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ رۇسىيە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەرھال جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما شۇ كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: گەرچە مەن پارلامېنت ئۆتكەن ھەپتە ماقۇللىغان ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاش قانۇن لاھىيەسىنى قانۇنغا ئايلاندۇرۇشقا ئىمزا قويغان بولساممۇ، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قانۇنغا ئاساسەن رۇسىيەگە يەنىمۇ جازا تەدبىرى قوللىنىش ئويى يوق. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاش ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن جازا سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ شەرقى رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيەگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن جازا يۈرگۈزۈشنى مەسلىھەتلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر