باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭلىق ئوقۇرمەنلەرگە قانۇن كىتابلىرى سوۋغا قىلدى

2014.12.05 13:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىملىق ‹‹دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى››دە بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر (دىن) ئىشلىرى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتى، قانۇن نەشرىياتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇش شىنجاڭلىق ئوقۇرمەنلەرگە قانۇن كىتابلىرى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى›› ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتا نەشر قىلىنغان 240 خىل، 52 مىڭ پارچە كىتاب سوۋغا قىلىنغان بولۇپ، كىتابلارنى مىللەتلەر نەشرىياتى ۋە قانۇن نەشرىياتى نەشر قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىل يېزىقىدا نەشر قىلىنغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى››دىن باشقا، يەنە قىسمەن قانۇن كىتابچىلىرى ۋە ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ‹‹پۇقرالارغا كېرەكلىك قانۇن ئىزاھاتلىرى››، ‹‹رەسىمگە قاراپ قانۇن ئۆگىنىش››، ‹‹پۇقرالارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر 100 مىڭ سوئال – جاۋاب›› قاتارلىق قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرى بار. بۇ كىتابلاردا قانۇن – نىزاملار تەرجىمە قىلىنىش، ئىزاھلىنىش بىلەن بىللە، يەنە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، دېلو ئارقىلىق قانۇن چۈشەندۈرۈش، رەسىمگە قاراپ قانۇن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان قانۇن مەسىلىلىرى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك چۈشەندۈرۈلۈپ، ئوقۇشچانلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا تېگىشلىك ياردەم بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە سوۋغا قىلىنغان كىتابلارنى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار 14 ۋىلايەت، ئوبلاست(شەھەر) دىكى قىسمەن پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار ۋە يېزا – بازار كۇتۇپخانىلىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر