باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى بىرلىشىپ ئەۋەتكەن 8 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ بولدى

2014.12.02 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە مەركىزى كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 27-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلغاندىن كېيىن، 29-نويابىرغىچە مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى بىرلىشىپ ئەۋەتكەن 8 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ بولدى ھەمدە ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، نىڭشىيا، تىيەنجىن، خېنەن، گۇيجۇ، جياڭشى، جېلىن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ توختىماستىن قار شىۋېرغانلارغا قارىماي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، 8 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ھەر بىر گۇرۇپپا ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، 16 ئۆلكىنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلىگە ئائىت قارار»نىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، 2013-يىلى مەركەز ئىقتىسادى خىزمەت يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئاساسلىق ۋەزىپىلەر، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بىرىلگەن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تاماملاش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىكەن، بۇ سەككىز جەھەتتىكى 35 تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا چېتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر