باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەلەپلىرىنى قوللىدى

2014.12.05 13:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 3 – دېكابىر سۇدان پايتەختى خارتۇمدا رۇسىيەنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رايونلار ئارا جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللاردىن خالىي رايون قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئەرەب دۆلەتلىرى رۇسىيە ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنى 3 – دېكابىر خارتۇمدا ئۆتكۈزۈلدى. لاۋروۋ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىنى، ئىراق خەلقىنىڭ رادىكال كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىشىنى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ ھەم پەلەستىن ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

  ئالجىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، پەلەستىن، كۇۋەيت، لىۋىيە، ماۋرىتانىيە، سۇدان، ئىيوردانىيە قاتارلىق توققۇز ئەرەب دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياكى ۋەزىرى ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئەرەب دۆلەتلىرى – رۇسىيە ھەمكارلىق مۇنبىرى 2009 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۇنجى يىغىنى 2013 – يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر