باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆي مۈلۈك كەسپىدە كۆپەيمە قىممەت بېجى دەۋرى باشلىنىدۇ

2014.12.08 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشقا يەنە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قالدى. مۇخبىرنىڭ كۆپ تەرەپلەردىن ئۇقۇشىچە، ئىسلاھ قىلىنىدىغان تۆت چوڭ كەسىپ قاتارىغا تېخىچە كىرگۈزۈلمىگەن ئۆي مۈلۈك كەسپى، بىناكارلىقتا تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن، ئەڭ تېز بولغاندىمۇ كېلەر يىلى 3-ئايدا كۆپەيمە قىممىتى بېجى دەۋرى باشلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، باج نىسبىتىنى %11 قىلىپ بېكىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بەك چوڭ ئىكەن. كەسپىي ئەربابلارنىڭ دەسلەپكى ھېسابىغا قارىغاندا، ئەگەر كۆچمەس مۈلۈكنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە يول قويۇلسا، ئازىيىدىغان ئومۇمىي باج سوممىسىنىڭ 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن

  كەسپىي ئەربابلار مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممىتى بېجىغا ئۆزگەرتىش تۈرى-ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ باج يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئەمما كارخانىلاردىن بىر قەدەر كۈچلۈك ئىچكى باشقۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇندىن باشقا، مالىيەنىڭ كىرىمى ئازىيىش بېسىمىمۇ ناھايىتى زور بولىدۇ.

  مەملىكەت بويىچە 2009-يىلدىن تارتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كۆپەيمە قىممەت بېجىدىن ئىستېمال تىپىدىكى كۆپەيمە قىممەت بېجىغىچە بولغان تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى، ئەمما ئەينى چاغدا پەقەت ماشىنا ئەسلىھەلىرى قاتارلىق مۇقىم مۈلۈكنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىپ، كۆچمە مۈلۈكنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويۇلمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر