باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىي ھوقۇق ئېنىقلاندى

2014.12.08 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامما ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇشتىن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھىرى %80 دىن ئارتۇق مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى قىسقارتىپ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ھەر بىر تۈرنى تەستىقلاش جەريانىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، مەمۇرىي ھوقۇق ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  مۇخبىر باۋتۇ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت مۇلازىمەت زالىدا كېنىشكە ئالغىلى كەلگەن جېجياڭ ئۆلكىسى ۋەنجۇن ئۆي مۈلۈك شىركىتى باۋتۇ تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ يىچۈننى ئۇچراتتى، ۋاڭ يىچۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر كېنىشكە بېجىرىش ئۈچۈن يەرنى تەستىقلاشتىن قۇرۇلۇش باشلاشقىچە يېرىم يىل كېتەتتى، ھازىر بىر قېتىمدىلا ھەممىسى بېجىرىلىدىغان، بەك تېز ئىش پۈتىدىغان بولدى.

  باۋتۇ شەھىرى ئامما ئىنكاس قىلغان ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش، تەرتىپى مۇرەككەپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ يىلدىن باشلاپ شەھەر دەرىجىلىك 269 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، 101نى ئەمەلدىن قالدۇردى، 68نى تۆۋەنگە چۈشۈردى 17سىنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى، ھەر بىر تۈرنى تەستىقلاش جەريانىغا قويۇلغان ۋاقىت چېكى ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقى 16كۈندىن 4 كۈنگە قىسقارتىلدى.

  باۋتۇ شەھىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لېي دىيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا %80 دىن يۇقىرى تەستىق تۈرى قىسقارتىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى، تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى بېجىرىش زالى ، مەركەزلىك بېجىرىش بىرلىككە كەلتۈرۈلدى، شەھەردە كارخانا ۋە پۇقرالارنىڭ بىر يىلدا 26 مىليون يۈەنگە يېقىن يۈكى يېنىكلىتىلدى، خوشۇن، ناھىيە ۋە رايونلاردا 30 مىليون يۈەنگە يېقىن يېىنىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر