باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاساسىي قانۇننىڭ نۇرى ھەممە يەرنى يورۇتسۇن

2014.12.08 16:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بەي لىنى زىيارەت ياڭ شۇخەن

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىنىدا قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق 4 – دېكابىرنى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىندى. ئاساسىي قانۇن كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى. مەركەز بۇ ئارقىلىق قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۈبھىسىزكى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن كۈنى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ياكى تارىختىكى مۇھىم ئاساسىي قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەيدىغان كۈن.

  نېمە ئۈچۈن دۆلەتنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىمىز؟ دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى بىلەن قانۇن تەشۋىقات كۈنىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بەي لىنى زىيارەت قىلدىم.

  دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى دەل ۋاقتىدا تەسىس قىلىندى

  دۆلىتىمىزدە 2001 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 4 – دېكابىر مەملىكەتلىك قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى قىلىپ بېكىتىلىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ كەلگەن. قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى بار بولغان ئەھۋالدا يەنە ئاساسىي قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىش ئۆزئارا زىددىيەتلىك بولۇپ قالارمۇ؟ دېگەن مەسىلە كىشىلەردە سوئال پەيدا قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا بەي لى مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىدا ئاساسىي قانۇن ئالىي قانۇنىي كۈچكە ئىگە، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يادروسى ئاساسىي قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشتا. ھەر يىلدىكى قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقات كۈنىدە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ھەر خىل تېمىدا ئاساسىي قانۇننى تەشۋىق قىلىدۇ، لېكىن، بۇنداق تەشۋىقاتتا ئاساسىي قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يېتەرلىك بولمىغاچقا، جەمئىيەتتە مۇكەممەل بولغان قانۇن ئىدىيەسى شەكىللەندۈرەلمەيۋاتىدۇ. قىسمەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بولغان تونۇشى كەمچىل بولغاچقا، ئاساسىي قانۇننى قوغداشتىكى ئاڭلىقلىقى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلىنالمايۋاتىدۇ.

  بەي لى مۇنداق دېدى: بۇ قارار پارتىيە سىياسىتىنىڭ دەل ۋاقتىدا دۆلەت قانۇنىغا ئايلىنىشىنىڭ تىپىك مىسالى، بۇ ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى››دىكى قانۇن – تۈزۈم ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىرلەرنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىشتا ئاكتىپ تەسىرگە ئىگە. ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى، ئاساسىي قانۇن قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇقرالىق ئېڭى ۋە ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر.

  دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بەي لى مۇنداق دېدى: دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىش دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداشقا پايدىلىق. ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ نۇقتا تەكىتلەندى ھەم مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، بارلىق دۆلەت ئورگىنى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي قانۇننى تۈپ ھەرىكەت مىزانى قىلىش ھەم ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى.

  بەي لى ئاساسىي قانۇن كۈنى تەسىس قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، پۇقرالارنىڭ ھەرخىل ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشىغا، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىشكە، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىگە، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق.

  ئاساسىي قانۇن كۈنىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلى ھەرخىل بەي لى مۇنداق دېدى: دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ھەرخىل شەكىلدە تەشكىللەشكە بولىدۇ. مەسىلەن: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، مەھەللە ئاھالىسىگە ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەش، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشكە تەشكىللەش؛ دوكلات يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش؛ ئاساسىي قانۇن بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئاساسىي قانۇن توغرىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا خىلاپ دېلولار توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئاساسلىق پائالىيەتلەرنىڭ يادروسى ئاساسىي قانۇننى ھەممە كىشىگە ئومۇمىيلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى تىكلەشتىن ئىبارەت.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش؛ ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرىنى ئاساسىي قانۇن دوكلات يىغىنى ئېچىش، جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەن كۈنلەرنى تەسىس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق قانداق قىلغاندا ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىشقا؛ ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، پۇقرالارنى كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ. تاراتقۇلار ئاساسىي قانۇن بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىشى كېرەك. ھەرخىل ئاشكارا خەۋەر قىلىش، تېخىمۇ كۆپ شەكىللەر ئارقىلىق پۇقرالارغا ئاساسىي قانۇننى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات سالمىقى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنىڭ يادروسى قىلىپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى پائالىيىتىنى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ئاشۇرىدىغان، ئاساسىي قانۇن تەپەككۇرى ۋە تەربىيەسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ياخشى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئاساسىي قانۇننى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

  قانداق قىلغاندا ئاساسىي قانۇننى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ بەي لى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، ئاساسىي قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، ئاساسىي قانۇننى ئاساسىي قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشى، ئاساسىي قانۇننى خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ھەرىكەت مىزانى قىلىشى، ئاساسىي قانۇن روھى بىلەن ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي ئېڭىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، تەشۋىقات – تەربىيەنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە ‹‹ئاز سانلىقلار ھالقىلىق›› بولۇشنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  بەي لى مۇنداق دېدى: قانۇننىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلۈشى ۋە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ھەر بىر دېلودا ئادىللىقنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغانلىقىمىز قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنىڭ تەلىپىنى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلەرىدە ھەقىقىي تۈردە ئىزچىللاشتۇرغانلىقىمىز ھېسابلىنىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش تەرتىپى ۋە ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، مىللەت، كەسىپ، ئەمەلنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن پەرق كەلتۈرۈپ چىقارماي، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارىلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشكارا بولۇش مېخانىزمى ۋە يولىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتى تۈزۈمى ۋە جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ ھەرقايسى قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش ھالقىلىرىدىكى مەسئۇلىيەتلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹قانۇننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنى قانۇنغا ئىشىنىدىغان قىلىش››نى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتە قانۇن ئىدارە قىلىش ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاساسىي قانۇن بىلەن قانۇننى ئۈنۈملۈك يولغا قويغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر