باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئارمىيەنىڭ جابدۇق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2014.12.05 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن ئارمىيەنىڭ جابدۇق خىزمىتى يىغىنى 3-،4-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمى دۆلەت بىخەتەرلىك قارشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇچۇر يىتەكچىلىكى، سىستېما قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش، سىجىل تەرەققىي قىلىشتا، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جابدۇق سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ماددى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە ئارمىيمىزنىڭ جابدۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخى خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىلغار جابدۇقنى ئىگىلىگەن خەلق قوشۇنى قۇرۇش- پارتىيەنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىش نىشانى. ئۇرۇشتا غەلبە قىلىش مەسىلىسىدە ئادەم ھالقىلىق ئامىل، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئارمىيە تېخنىكىسىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جابدۇق ئامىلىنىڭ مۇھىملىقى گەۋدىلەنمەكتە، ئادەم ئامىلى، جابدۇق ئامىلىنىڭ بىرىكىشى ناھايىتى زىچ بولماقتا، ئادەم بىلەن جابدۇق يۈكسەك بىرگەۋدىلەشتۈرۈلدى، جابدۇق ئامىلىغا ئەھمىيەت بېرىش يەنىلا ئادەم ئامىلىغا ئەھمىيەت بېرىشتۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جابدۇق قۇرۇلۇشىنى خەلقئارا ئىستراتىگىيە ئەندزىسى ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە تونۇش ۋە پىلانلاش، «ئىككى» يۈز يىللىق كۆرەش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخى مۇساپىسىدىن تونۇش ۋە پىلانلاش، دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتىگىيەلىك ئورنىغا قويۇپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل- ئارمىيمىزنىڭ جابدۇق قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتىگىيەلىك پۇرسەت شۇنداقلا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق پەيت. بۇرچ ئېڭىنى چوقۇم كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جابدۇق قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېزراق ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى جابدۇق لىنىيەسىدە نۇقتىلىق دىققەت قىلىدىغان چىڭ تۇتىدىغان خىزمەت توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جابدۇق قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىلمىي مۇكەممەل بولغان تەرەققىيات پىلان سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جابدۇق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى تەڭشەش ئارقىلىق مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچىنى كۈچەپ قوزغىتىپ، قۇرۇلۇش تەرەققىيات ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىدىيە سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوفىتىسر-ئەسكەرلەرنى غايە ئىتىقادىنى چېڭىتىشقا تەربىيەلەپ ۋە يىتەكلەپ، پارتىۋىيىلىك تەربىيلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيىمىزنىڭ قۇرال جابدۇق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىش كېرەك.

  يىغىندىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، يەنە جابدۇق قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار سىنئالغۇ فىلىمىنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر