باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2014.12.04 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-دېكابىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا جۇڭگۈەنسۈن نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يېزا پۇل مۇئامىلىسىنى باج ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2010- يىلىدىن باشلاپ دۆلەت بېيجىڭ جۇڭگۈەنسۈن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا پۇل مۇئامىلە، مالىيە-باج، ئىختىساسلىقلارغا مەدەت بېرىش، پەن تەتقىقات خىراجىتى قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئاۋۋال يولغا قويۇپ ۋە سىناق قىلىپ، پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. نۆۋەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسى-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇپ ھەم يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى «ئېلىش» ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى «كۆپەيتىش»نى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ پەن تەتقىقاتچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىو، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپلىرىنىڭ يىتىلىشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنڭ ئوتتۇرىھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر