باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ سۇرىيەدىكى مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشنى ئۈزۈپ قويماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.12.08 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋاننىڭ جامائەت ئىشلىرى مىنىستىرى دېرباس تۈنۈگۈن بىيرۇتتا مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئاشلىق ياردىمى بېرىشنى توختاتقانلىقى لىۋاندىكى 700 مىڭ سۇرىيە مۇساپىرىنى ئاچارچىلىق تەھدىتىگە دۇچار قىلىدۇ.

  دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئورگىنىمىز راسخوت كرىزىسىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن بىر مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق سۇرىيە مۇساپىرىغا بېرىلىدىغان يېمەكلىك ياردىمىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، دېرباس لىۋان تاراتقۇلىرىدا سۆز قىلىپ: لىۋان مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ دېدى.

  دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ئەمەلدارىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، سۇرىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش پىلانىدا يەنە 64 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كەملەيدىكەن، ناۋادا مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا مەبلەغ تولۇقلانسا، بۇ ئورگان سۇرىيە مۇساپىرلىرىغا يېمەكلىك تارقىتىپ بېرەلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر