باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى «پىكىر» نى تارقىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى

2014.12.05 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نامراتلارنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ باجدا ئېتىبار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  گېزىتىمىز، بېيجىڭ، 4-دېكابىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يۆلەش-ئېچىشققا قاتنىشىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يۆلەش-ئېچىشقا قاتنىشىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى مەزگىلدىكى نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى ئوبدان قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە بەش تەرەپتىن مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قوللاش سىياسىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. بىرىنچىسى، ئېتىبار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ باج قانۇنى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، نامراتلار يۆلەش ھەدىيەسى باجدىن بۇرۇن تۇتىۋېلىش، باج كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئازايتىش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇنداقلا يەنە ھەر خىل بازار سوبيېكىتلىرىنىڭ نامرات رايونلارغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ئالاقىدار قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىقى فوندى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئىككىنچىسى، مەدەت بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشكە قاتناشقان ھەر خىل سوبيېكىتلارنى سىياسىي جەھەتتە شەرەپكە ئېرىشىش، ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەتتە ھۈرمەتكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىسى، تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەيدىغان، قېيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىسى، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار نامراتلارنى يۆلەش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىدە يېڭلىق يارىتىش تەلەپلىرىگە ماسىلىشىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشى كېرەك. بەشىنچىسى، تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر