باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە جابدۇقلار خىزمىتى يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

بۇرچنى ئادا قىلىش تەلىپىگە لايىقلاشقان جابدۇقلار سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىپ، ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئارزۇسىغا يېتىشنى كۈچلۈك ماددىي تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

2014.12.05 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-دېكابىر تېلېگراممىسى. ئازادلىق ئارمىيە جابدۇقلار خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئۇچۇر يېتەكچىلىكى، سىستېما قۇرۇلۇشىدا؛ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش، سىجىل تەرەققىي قىلىشتا؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنىڭ تەلىپىنى ئادا قىلىشقا لايىقلاشقان جابدۇقلار سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئارزۇسىغا يېتىشنى كۈچلۈك ماددىي تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە، ئارمىيەمىزنىڭ جاندۇقچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قورال-جابدۇقلار ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن مىللىي گۈللىنىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئىلغار جابدۇقلارنى ئىگەللىگەن خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش – پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل قوغلىشىپ كېلىۋاتقان نىشانى. ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش مەسىلىسىدە، ئادەم ھەلقىلغۇچ ئامىل. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھەربىي ئىشلارنىڭ تېخنىكىسى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ، جابدۇق ئامىلىنىڭ مۇھىملىقىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئادەم ئامىلى بىلەن جابدۇق ئامىلىنىڭ بىرىكىشىمۇ بارغانسېرى زىچلىشىۋاتىدۇ، ھازىر ئادەم بىلەن جابدۇق يۈكسەك دەرىجىدە بىرگەۋدىلىشىپ كەتتى، شۇڭا، جابدۇق ئامىلىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىك ئادەم ئامىلىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتۇر.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر