باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن چېچىنىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.12.08 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 4-دېكابىر ، چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمغا تولۇق تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن شۇ كۈنى دۆلەت ئەھۋالىدىن مەسلىھەت بەرگەندە مۇنداق دېدى: مەن، يەرلىك قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ تولۇق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىنى بەربات قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز ئۇلارنى قوللايمىز. رۇسىيە چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى گىروزنى 4-دېكابىر چېچىنىيە قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئارقىدىن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، قۇراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئون خادىمىنى ئېتىپ تاشلىدى. چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى رۇسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كاۋكاز تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، قانۇنسىز قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن ئەۋج ئالغان رايون. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 4-دېكابىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنىڭ چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى گروزنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر