باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىملىق «ئاساسىي قانۇن كۈنى» پائالىيىتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2014.12.04 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
  گېزىتىمىز بېيجىڭ، 3- دېكابىر خەۋىرى. تۇنجى قېتىملىق «دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى» پائالىيىتى يىتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ئەڭ يۇقىرى قانۇنىي ئورۇنغا، قانۇن نوپۇزغا، قانۇنىي كۈچكە ئىگە. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى، ئەمەلىيىتى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى ئاساسىي قانۇن، دۆلىتىمىز ۋە خەلقنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەتەرلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن ئاخىر جوڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ قانۇن كاپالىتى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جوڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى»نىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر