باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ساياھەتچىلىك ئارقىلىق 8 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى

2014.12.08 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىنزاۋ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ساياھەت تەرەققىيات فوندىدىن تولۇقلىما بېرىلگەن نامرات رايونلار تۈرى مەبلىغى 1 مىليارد 150 مىليون يۈەنگە يەتتى، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە 8 مىليوندىن ئارتۇن نوپۇس ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  لى جىنزاۋ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى 2020-يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدىن تونۇدى، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكۈلىدىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى، شۇنداقلا ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، ساياھەت كەسپىنى بارغانسېرى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تۈۋرۈكى.

  لى جىنزاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ساياھەت سىستېمىسى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدە ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ئىقتىدارى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامراتلارنى يۆلەش، ساياھەتچىلىكتىكى ئورتاق يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە بۇ يىل ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە 128 مىڭ نامرات كەنت ۋە 92 مىليون نامرات نوپۇس تاللاپ چىقىلىپ، ھەقىقى يۆلەشكە تېگىشلىك نامراتلار سانى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر