قازاقىستان -تۈركمەنىستان - ئىران خەلقئارا تۆمۈريولىنىڭ تۈركمەنىستان - ئىران بۆلىكىنى تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمى 3-دېكابىر تۈركمەنىستاننىڭ بالكان ئىشتاتىدىكى ئاجىيىلا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى . بۇ يىپەك يولى قازاقىستان-تۈركمەنىستان-ئىران تۆمۈريولى تۈركمەنىستان-ئىران بۆلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
تۈركمەنىستان 2007-يىلى 12-ئايدا قازاقىستان ۋە ئىرانغا بارىدىغان جەنۇب -شىمال تۆمۈريول لىنىيەسىنى ياساشقا باشلىغان ئىدى . 2013-يىلى 5-ئايدا تۈركمەنىستان-قازاقىستان تۆمۈريول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ، جۇڭگونىڭ ليەنيۈنگاڭ پورتىدىن شىنجاڭ ئارقىلىق قازاقىستانغا ، ئاندىن تۈركمەنىستانغا بارىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسى ئېچىلغان .