باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق پۇلىنىڭ نۇرغۇنىنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكى بايقالدى

2014.12.08 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 نەچچە يىل جۇغلاش ئارقىلىق، لاتارىيە مەبلىغىنىڭ سوممىسى بىر تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يەتتى. ئىجتىمائىي ئاممىۋى پاراۋانلىق پۇلى بولغان لاتارىيە مەبلىغى خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىپ، ئاممىنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلىناتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىي رولى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

  يېقىندا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى لاتارىيە مەبلىغىنى كەڭ كۆلەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىز لاتارىيەنى يولغا قويغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، تارقىتىلىش مىقدارى بىر تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەبلەغ توپلايدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق پۇلى بولغان لاتارىيەگە نىسبەتەن ئېنىق ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى چىقىرىلغان، يەنى ئادەتتە لاتارىيە سېتىش سوممىسىنىڭ %15 ى تارقىتىش ھەققىگە كېتىدۇ، %35 ى ئاممىۋى پاراۋانلىق پۇلى قىلىنىدۇ، %50 ى مۇكاپات پۇلى قىلىنىدۇ. ئەمما رېئاللىقتا، جايلارنىڭ لاتارىيە تارقىتىش ھەققى بىلەن ئاممىۋى پاراۋانلىق پۇلىنى ئىشلىتىشىدە غايەت زور پەرق ساقلانغان، ئۆلچىمى، نەگە كېتىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان، بەزىلىرى يەرلىك مالىيەلەرنىڭ خەزىنىسىدە ساقلىنىپ تۇرغان، بەزىلىرى ھەتتا كاتتا ئىمارەتلەرنى سېلىش، ساياھەت كېمىسى سېتىۋېلىش، زىياننى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر