خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:7-دېكابىر، زىمبابۋېنىڭ پايتەختى خارارېدا،كىشىلەر «رەڭلىك يۈگۈرۈش» پائالىيىتىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى ياۋروپا،ئامېرىكادا كەڭ تارقالغان «رەڭلىك يۈگۈرۈش» پائالىيىتى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى زىمبابۋېغا كەلدى. پائالىيەتتە قىلىنغان ھەممە كىرىم شۇ يەردىكى ھايۋانات قوغداش تەشكىلاتى ۋە گاس-گاچا بالىلار جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىنىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى