- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە يېزا-كەنت كادىرلىرىنىڭ ئامما مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش قىلمىشلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
2014.12.08 16:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا-كەنت كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا ئىستىلدا قوپال بولۇش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلماي، ئامما بىلەن مەنپەئەت تالىشىش، ھەرخىل تولۇقلىما تارقاتقاندا «يۈتۈۋېلىش، قىسىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش» قاتارلىق مەسىلىلىرى دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈۋاتقان ئىدى. يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تارقاتقان «يېزا-كەنت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي تۈزەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزا-كەنت كادىرلىرىنىڭ ئامما مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش قىلمىشلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەلەپ قىلىندى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر