باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا قەرز پۇل ئالغاندا ياردەم ئۆسۈمىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ

2014.12.05 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياردەم ئۆسۈمىنىڭ نىسبىتى 2 پىرسەنت پوئىنتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

  گېزىتىمىز، بېيجىڭ، 4-دېكابىر تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «شەھەر-بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ قەرز پۇلىغا ياردەم ئۆسۈمى بېرىش چارىسى» نى ئېلان قىلدى، بۇ «چارە» 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، كاپالەتلىك ئۆي تۈرلىرىنى يولغا قويغۇچى ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس شەھەرلەردىكى كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش تۈرى بىلەن جامائەت ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇشقا بېرىلىدىغان قەرز پۇلىغا مۇئەييەن نىسبەتتە ۋە مۇددەتتە ئۆسۈم ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  «چارە» دە مۇنداق بەلگىلەندى: شەھەر-بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ يادەم ئۆسۈمىنىڭ مەبلىغى تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ: شەھەر-ناھىيە مالىيە خامچوتىدىن شەھەرلەردىكى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، جامائەت ئىجارە ئۆيىنىڭ مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىدىن شەھەرلەردىكى كەپلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، جامائەت ئىجارە ئۆيىنىڭ ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ مەركەز مالىيە خامچوتىدىن شەھەرلەردىكى كەپلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، جامائەت ئىجارە ئۆيىنىڭ مەخسۇس تۈر پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر