- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكەتلىك شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى تۇرۇبا يولىنى باشقۇرۇش سىناق خىزمىتى باشلاندى
2014.12.05 15:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى تۇرۇبا يولىنى باشقۇرۇش سىناق خىزمىتى باشلاندى، شەندۇڭنىڭ دېجۇ شەھىرى تۇنجى سىناق شەھىرى قىلىندى.
ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىناق خىزمىتى مەزمۇنى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بىرىنچى باسقۇچ 2015-يىلى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى يەر ئاستى سۇ تۇرۇبا يولىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش پىلانى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىرقى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە تەھلىل قىلىش، بىخەتەر ئالدىن سىگنال بېرىش، جىددىي بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيىلەرنى كېڭەيتىپ، سىناق رايونىدا يەر ئاستى تۇرۇبا يولىنى ئېنىق بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، ھالىتىنى سېزىش سىستېمىسى قۇرۇپ، ئورنىنى بەلگىلەپ باشقۇرۇشنى تەپسىلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش، ئىككىنچى باسقۇچى 2016-يىلى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇكەممەل، كونترول قىلغىلى بولىدىغان شەھەر يەر ئاستى سۇ يولى تورى ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە كەسىپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەل ئۆلچەم سىستېمىسى، بىخەتەرلىك مېخانىزمى ۋە سانلىق مەلۇماتنى يېڭىلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر