باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاخبارات ئورۇنلىرىنىىڭ يەرلىكتە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلارنى ئېنىقلاپ رەتكە سېلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

2014.12.05 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىئو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يەرلىكتە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يەرلىكتىكى ئاپپاراتلىرى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش، خادىملارنى ئۆز ئالدىغا قالايمىقان تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش، قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆپ يۈز بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر باش كۆتۈرۈپ ، ئاخبارات ساھەسىنىڭ توغرا كەيپىياتىنى بۇزدى، ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئىناۋىتى ۋە نوپۇزىغا داغ تەگكۈزدى ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى، جايلار ۋە ھەرقايسى ئورۇنلار ئېنىقلاپ رەتكە سېلىشنى تۆت ناتوغرا ئىستىلىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاممىۋى لۇشەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسمەن ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يەرلىكتىكى ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇشتىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى ھەقىقىي تۈزەپ، ساغلام ئاخبارات تارقىتىش تەرتىپىنى قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يەرلىكتە ئاپپارات تەسىس قىلىش، خادىملارنى ئىشلىتىش، كەسىپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بىرلەشتۈرۈش، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنى بىردەك قايتۇرۇش كېرەك، تور بېكەتلىرىنىڭ يەرلىكتىكى چاستوتالىرىنى ئېنىقلاپ رەتكە سېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك، مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى يەرلىكتە چاستوتا تەسىس قىلسا چوقۇم ئالدىن تەستىقلىتىشى لازىم، باشقا تۈرلۈك تور بېكەتلىرىنىڭ يەرلىكتە چاستوتا ۋە ئاپپارات تەسىس قىلىپ ئاخبارات كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ، شۇنداق قىلغانلىرىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر