باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 428 جىنايەتچى قولغا چۈشتى، «ئوۋلاش-2014» نىڭ ئومۇمىي ھۇجۇم بۇرغىسى چېلىندى

2014.12.05 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-دېكابىر تېلېگراممىسى. «ئوۋلاش-2014» دەپ ئاتالغان مەملىكەت بويىچە ج خ تارماقلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان 135 كۈندىن بۇيان، 60 دۆلەت ۋە رايوندا قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەتچىدىن 428 قولغا ئېلىندى.

  ج خ مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەملىكەتلىك ج خ تارماقلىرىنى «ئوۋلاش-2014» ھەلقىلغۇچ جەڭ تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنىدا، ئەڭ يېڭى جەڭ مەلۇماتى ئېلان قىلىندى.

  قولغا چۈشكەن 428 كىشىنىڭ ئىچىدە، چېتىلغان سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغىنى 141 كىشى، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكىنىگە 10 يىلدىن ئاشقانلىرى 32 كىشىكەن. چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىدىن جەمئىي 231 ى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، بۇلار ئومۇمىي ساننىڭ %54 نى ئىگىلەيدىكەن؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش تارقاتقاندىن كېيىن، 173 كىشى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر