باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھاۋا بۇلغىنىشىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش بىر تۇتاش تۆت خىل رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ

2014.12.05 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېغىر بۇلغانغان ھاۋا رايى ئالدىن لايىھىسى تۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن ئۆز رايونىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئېغىر بۇلغانغان ھاۋا رايى كۆرۈلۈش جەريانىنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىپ، مۇۋاپىق ئالدىن سىگنال بېرىش دەرىجىسىنى بېكىتىش، بولۇپمۇ قىزىل رەڭدە ئالدىن سىگنال بېرىشنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىش شۇنداقلا بىر تۇتاش كۆك، سېرىق، ئاپېلسىن رەڭ، قىزىل رەڭدە ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلدى.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تۈرلۈك مۇمكىنچىلىكى بار ئالدىن سىگنال بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە سىگنال بېرىش ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ ئالدىن سىگنال بېرىش شەرتىنى بېكىتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرى ئېلان قىلىش، بىكار قىلىش خىزمىتى جەريانىنى ئېنىق بېكىتىپ، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ۋەزىپە خىزمەتلەرنى، ۋاقىت چېكى تەلىپىنى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالدىن سىگنال بېرىلمىگەن ۋاقىتتىكى تولۇقلاپ قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئادەملەر سەۋەبىدىن سىگنال بېرىش توختاپ قېلىش ياكى ئالدىن سىگنال بېرىلمەسلىكتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر