باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى

2014.12.08 09:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى تۈنۈگۈن «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: ئولتۇراقلىشىش كىنىشىكىسى بارلار ئولتۇراقلاشقان جايدا شۇ جايدىكى نوپۇس بىلەن ئوخشاش ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنداق دېيىلدى: پۇقرالار دائىمىي تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىپ، باشقا رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە يېرىم يىلدىن ئارتۇق تۇرغان بولسا، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشسا، مۇقىم ئولتۇراقلاشسا، داۋاملىق ئوقۇش شەرتىنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاساسەن، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلار شۇ جايدىكى نوپۇس بىلەن ئوخشاش ئاساسىي مۇلازىمەتتىن، جۈملىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ھەقسىز قوبۇل قىلىش، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش، ئاساسىي ئاممىۋىي ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى، قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، تۇرالغۇ ئاممىۋىي پاراۋانلىق فوندى بېرىش، ئېلىش ۋە ئىشلىتىش، ئاساسىي ئاممىۋىي سەھىيە مۇلازىمىتى، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى ۋە مۇكاپاتلاش تەمىناتى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ سالاھىيەت مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئالاھىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلار ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تارقاتقان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ماكانلىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولسا، ئۆزى ھەمدە بىللە ياشايدىغان جۆرىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى، ئاتا-ئانىسى قاتارلىقلار ئولتۇراقلاشماقچى بولغان جايدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر