- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىكقا ئىلتىماس قىلىشتىكى مەيدان، سارايلىرى دەلىللەشتىن ئۆتتى
2014.12.08 09:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېيجىڭ شەھىرى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئىلتىماس قىلغان بارلىق مەيدان، سارايلار خەلقئارا تەنتەربىيە يەككە تۈر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دەلىللەندى، بۇنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى 6-دېكابىر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتىدىن ئۇققان. بۇ كومىتېت 6-دېكابىر كەچتە تەمىنلىگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: خەلقئارا قىشلىق يەككە تۈر تەنتەربىيە تەشكىلاتىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئىلتىماس قىلىنغان مەيدان، سارايلارنى دەلىللىشى-بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنىڭ بىرى، نۆۋەتتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتى خەلقئارا مۇز تېيىلىش ئىتتىپاقى، خەلقئارا مۇز چۆگۈن بىرلەشمىسى، خەلقئارا مۇز توپ بىرلەشمىسى، خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسى، خەلقئارا قىشلىق يەككە تۈر ئىتتىپاقى، خەلقئارا چانا بىرلەشمىسى قاتارلىق يەتتە خەلقئارا قىشلىق يەككە تۈر تەنتەربىيە تەشكىلاتىنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر