چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى بورىس جونسون شۇ يەر ۋاقتى 4-دېكابىر كۇئالالۇمپۇردىكى ئالتە كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىگە قايتماقچى بولغاندا ، ئايروپىلاندا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئايروپىلاندىكى مەست بولۇپ قالغان بىر ئەر يولۇچى ئاۋۋال يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتقان ، ئاندىن باشقىلارنى تىللاشقا باشلىغان ، جونسون بۇ ئەرگە ئۆزىنى بېسىۋېلىشىنى ئېيتقان ، لېكىن بۇ ئەر ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي ، ئۆزىنى بويسۇندۇرماقچى بولغانلارغا تۇتۇق بەرمىگەن ، كېيىن بەش نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە بۇ كىشى بويسۇندۇرۇلغان .
بۇ ئەر 43 ياش بولۇپ ، ئايروپىلان خىسرو ئايرودۇرۇمىغا كەلگەندە ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ، لوندوننىڭ غەربىدىكى بىر ساقچىخانىغا قاماپ قويۇلغان .