باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېڭى مۇقىم ھالەت جەريانىدا يېڭى يارقىن نۇقتا ئىزدىمەكتە

2014.12.08 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى بىرلىكتە ئەۋەتكەن سەككىز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16 جايغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ، 5-دېكابىر سەككىز كۈنلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تۈگىتىپ، 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ چىقتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، قۇرۇلما مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ئالدىدا، قىسمەن جايلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ باش لىنىيەنى چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش باش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن تەرەپلەردىن كۈچەش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇقىم ھالەتتە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۆزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشقانلىقىنى بايقىدى.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لۇ خاۋ بۇ يىللىق ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئون يىللىق سانائەتنىڭ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %50 تىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى، نېفىت ۋە كۆمۈر سانائىتىنىڭ تارىخىي قۇرۇلما مەسىلىسى گەۋدىلىك بولدى. جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ما جۈنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىمۇ سىجىل تۆۋەن سۈرئەتتە تەكشى يۈرۈشۈشتەك يېڭى مۇقىم ھالەتتىكى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شۇ مەزگىلدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.9 پوئېنت تۆۋەن بولدى.

  جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئۆز ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى تەڭشىدى ھەم ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۇدا 11 يىل ئېشىشتىن ئىستېمال تەلىپىنىڭ كېڭىيىشىگىچە، كەسىپ زەنجىرى داۋاملىق ئۇزىرىغان، ئىقتىسادىي %9.3 ئاشقان خېيلۇڭجياڭنىڭ يېمەكلىك سانائىتى-يېڭى مۇقىم ھالەت ئاستىدىكى جايلارنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولدى. سەنشى، خەينەن قاتارلىق جايلار ئالاھىدە ساياھەتچىلىك، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق سىياسەت، تەدبىرلەرنى تېز ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرى، چياۋجيا قورۇسى تۇرۇشلۇق جىنجوڭ شەھىرىنىڭ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىلا %37.12 كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر