باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى پىدائىيلار مۇلازىمەت ساھەسىدىكى لۇغەت ئېلان قىلىندى

2014.12.08 09:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىچىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ساھەسىدىكى تۇنجى لۇغەت بولغان «جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى چوڭ لۇغىتى» 6-دېكابىر بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى، بۇ لۇغەتتە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە پىدائىيلار مۇلازىمەت تەجرىبىلىرى يەكۈنلەنگەن.

  «جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى چوڭ لۇغىتى»نى بېيجىڭ شەھەرلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسى، بېيجىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەتقىقات جەمئىيىتى تەشكىللەپ تۈزگەن، جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى نەشىر قىلغان.

  «جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى چوڭ لۇغىتى»دە، «خەنزۇچە-ئىنگلىزچە ماددىلار سېلىشتۇرما جەدۋىلى»، «پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەتقىقات ئىلمىي ماقالىلىرى» قوشۇمچە قىلىنغاندىن سىرت، يەنە «جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»مۇ تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. بۇ لۇغەتتە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئاساس قىلىنغان، يەنە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە خەلقئارا مەزمۇنلارمۇ مۇۋاپىق كىرگۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر