باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى زەھەر چەكلەش ئىجتىمائىي تەشكىلاتى يۈزگە يەتتى

2014.12.08 09:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى، زەھەر چەكلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۆجىن 6-دېكابىر گۇاڭدۇڭنىڭ جۇڭشەن شەھىرىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك زەھەر چەكلەش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ھەم جۇڭگو زەھەر چەكلەش فوندى جەمئىيىتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى رەسمىي رويخەتكە ئالدۇرغان زەھەر چەكلەش ئىجتىمائىي تەشكىلاتى يۈزگە يېتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك زەھەر چەكلەش فوندى جەمئىيىتى، زەھەر چەكلەش جەمئىيىتى، زەھەر چەكلەش پىدائىيلار قوشۇنىنى تايانچ، ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش كەسپىي جەمئىيىتىنى تىرەك قىلغان، زەھەر ئەھۋالى ئېغىر جايلارنى قاپلىغان زەھەر چەكلەشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو زەھەر چەكلەش فوندى جەمئىيىتى-نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان زەھەر چەكلەش ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بولۇپ، كۆپ يىل تېرىشىش ئارقىلىق، مول خىزمەت تەجرىبىسى ۋە بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ جۇغلاپ، ئېلىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىكى مۇھىم ياردەمچى كۈچكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر