خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان خەۋىرى) مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تورىنىڭ 3-دېكابىر ئېلان قىلغان «گوۋۇيۈەننىڭ 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى بېكىتكەن 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكى (جەمئىي 153 تۈر)نى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ قېتىم بېكىتىلگەن ھەمدە ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە شىنجاڭنىڭ 17 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بار ئىكەن.
بۇ قېتىم بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، رايون كەڭ تارقالغان، «قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى قىلىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» خىزمەت فاڭجىنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ئىلمىي بولغان قوغداش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پىلان تۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش تەلەپ قىلىندى.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرى تىزىملىكىگە شىنجاڭدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ قۇم بىلەن داۋالاش، نازىركوم، كارىز قېزىش ھۈنەر-سەنئىتى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ خوتەن سەنىمى قاتارلىق تۈرلەر كىرگۈزۈلدى.
مەنبە: خەلق تورى