باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھۆكۈمىتى مالدىۋىغا جىددىي ياردەم بەردى

2014.12.08 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالدىۋىنىڭ پايتەختى مالىدىكى دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش زاۋۇتىغا 4-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئوت كېتىپ، بىر قىسىم ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇپ، پۈتۈن ئارالنىڭ تاتلىق سۇ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالدى، 150 مىڭ ئاھالە ئېغىر سۇ قەھەتچىلىكىگە ئۇچرىدى. مالدىۋى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مالدىۋىغا جىددى نەقپۇل پېرېۋوت ۋە ئىچىملىك سۇ ياردەم قىلدى، ھازىرغىچە خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا ئىككى قېتىم مالدىۋىغا بوتۇلكىلىق ئىچىملىك سۇ يەتكۈزۈلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 12 توننا سۇ شۇ جاي ۋاقتى 6-دېكابىر سەھەردە مالىغا يېتىپ باردى، 2-تۈركۈمدىكى سەككىز توننا سۇ شۇ جاي ۋاقتى 6-دېكابىر كەچتە يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو يەنە مالىغا ئايروپىلان بىلەن داۋاملىق ئىچىملىك سۇ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇندىن باشقا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھىندى ئوكياندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسى قۇتقۇزۇش پاراخوتىنى چاڭشىڭ ئارىلىدىن مالىغا جىددىي يۆتكەپ، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق مالى خەلقىگە سۇ يەتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ پاراخوت 8-دېكابىر سەھەردە يېتىپ بېرىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر