باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ئالمىلىرى خەلق گېزىتىنى قىزارتتى

2014.12.05 16:05   مەنبە: خەلق تورى

ئاقسۇ ئالمىلىرى خەلق گېزىتىنى قىزارتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-دېكابىر خەلق گېزىتى چەتئەل نۇسخىسىنىڭ 4-بېتىدە ئېسىپ قويۇلغان بىر نەچچە پارچە گېلەمنىڭ سۈرىتى ۋە «ئاقسۇنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى» تېمىسىدىكى ماقالە بېرىلدى. ماقالىدە ئىخچام تىللار بىلەن ئاقسۇنىڭ «كۈسەن مەدەنىيىتى»، «دولان مەدەنىيىتى»، «ئاقسۇ ئالمىلىرى قىزاردى» قاتارلىق پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە، ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئالاھىدىلىكىنى تىرىشىپ قېزىپ، بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇ دېگەن بۇ نامنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگۈزدى. بۇ قېتىم خەلق گېزىتى چەتئەل نۇسخىسىنىڭ ئاقسۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى تونۇشتۇرۇشى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «ئاقسۇ ئالمىسى»، «كۈسەن مەدەنىيىتى»، «دولان مەدەنىيىتى» قاتارلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ئاقسۇ نامىنى تېخىمۇ كەڭ تونۇتتى.

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاقسۇ ئالمىسىنى توردا تالىشىش پائالىيىتىدە نەچچە مىڭ تال ئاقسۇ ئالمىسى بىر قانچە سىكونتتىلا تۈگىگەن ئىدى، ئاقسۇ ئالمىسى زاكازلىرى تەمىنلەش مىقدارىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ئاقسۇ ئالمىلىرى مەملىكەت بويىچە ئالما بازىرىدا كۆرۈنەرلىك بازار ۋە شەرەپكە ئېرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ
      ·ئېلىمىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ
      ·جۇڭگودىن چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆك تاشلىق كىتابىدا بۇلتۇر چەت ئەلد…
      ·2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ
      ·تەپكۈچ تېپىش مۇسابىقىسى 
      ·مەركەز مالىيەسى كېلەر يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىن…
      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى  بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دېدى
      ·بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى  ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
      ·ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپرانتى قۇبۇل قىلدى