باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركسى مۇندەرىجىسى تۈزۈمى ئورنىتىدۇ

2014.12.05 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز داڭلىق ماركا يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركا مۇندەرىجىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ تەسىر كۈچى، ئەڭ قىممىتى بار داڭلىق ماركىلارنى دۆلەتنىڭ داڭلىق ماركا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ قەرەللىك ئېلان قىلىپ، باشقۇرىدۇ.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داڭلىق ماركىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يادرولۇق بەلگىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېزلىتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك جىددىي ۋەزىپە.

  تونۇشتۇرىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن رويخەتكە ئېلىنغان سودا ماركسى 2008-يىلىدىكى 600 مىڭدىن كۆپىيىپ، 2012-يىلى بىر مىليون 251مىڭ 500 گە يەتكەن. ئەمما ئېلىمىزدە داڭلىق ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بەرپا قىلىش كېيىن باشلانغان، ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز بولغانلىقتىن نۇرغۇن داڭلىق ماركىلارنىڭ تەسىر كۈچى يەنىلا قىسىمەن رايونلاردىلا چەكلىنىپ قالغان، خەلقئارادا رىقابەتلىشىش كۈچىگە ئىگە داڭلىق ماركىلار ئاز ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر