باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ ئەزاسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىدۇ

2014.12.05 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 3-كۈنى كۇنمىڭدا «2014-يىلى جۇڭگو OPO ئىتتىپاقى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، جۇڭگو ئادەم ئورگانىزمى ھەدىيە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى خۇاڭ جيېفۇنىڭ ئاشكارلىشىچە، جۇڭگو 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ ئەزاسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، پۇقرالار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەزاسىنى ھەدىيە قىلىشى ئەزا كۆچۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتىكى بىردىن بىر يول بولۇپ قالىدۇ. ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەزا ھەدىيە قىلسا بولىدىكەن. ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ئەزا ھەدىيە قىلىش ئويى بارلىرىنىڭ ئەزالىرى دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۇتاش تەقسىملەش سىستېمىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھامان، پۇقرالار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەدىيە قىلىش دائىرىسىگە كىرىدىكەن، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى ھەدىيە قىلغان دېگەن گەپ ئەمدى قالىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر