باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دىكى بىر شەھەر بىلەن بىر ناھىيە «2012–يىللىق جۇڭگودىكى ئىستىراھەت كىچىك شەھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشتى

2012.11.09 16:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا ئىستىراھەت تەشكىلاتى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىقلار ئۇيۇشتۇرغان «2012–يىللىق جۇڭگودىكى ئىستىراھەت شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋە 2012–يىللىق جۇڭگودىكى ئىستىراھەت شەھىرى مۇنبىرى» 31–ئۆكتەبىر شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرىدە ئاياغلاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەشقەر شەھىرى ۋە پوسكام ناھىيەسىگە «2012–يىللىق جۇڭگودىكى ئىستىراھەت كىچىك شەھىرى» دېگەن نام بېرىلدى.

  «2012–يىللىق جۇڭگودىكى ئىستىراھەت كىچىك شەھىرى» بولۇپ باھالانغان شەھەرلەردىن يەنە شەندۇڭ پېڭلەي، شەندۇڭ خەيياڭ، جياڭسۇ چاڭشۇ، جياڭسۇ جياۋاڭ، جېجياڭ كەيخۇا، ئەنخۇي شيۇنىڭ، سىچۈەن پىشيەن، خېنەن لۇەنچۈەن قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەر بار.

  «2012–يىللىق جۇڭگودىكى ئىستىراھەت شەھىرى تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش» پائالىيىتى جۇڭگو ساياھەت جەمئىيىتى ئىستىراھەت دەم ئېلىش شۆبە جەمئىيىتى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ «جۇڭگو ئىستىراھەت شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسى» تېمىسىنى نەزەرىيە ئاساسى قىلىپ ئۆتكۈزگەن چوڭ تىپتىكى پائالىيەت. پائالىيەتتە ئىستىراھەت شەھىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچەم سىستېمىسى، ئۇنىۋېرسال توردا ئامما باھالاش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاپ بېكىتىش قاتارلىق شەكىللەرگە ئاساسەن ئىلمىي، ئەستايىدىل بولۇش، كەسپىي، قېلىپلاشقان بولۇش، ئامما قاتنىشىش، ئادىل، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، شەھەرنىڭ ئىستىراھەت فۇنكسىيەسى، ئىستىراھەت مۇھىت قۇرۇلۇشى باھالاندى، پائالىيەت دائىرىسى مەملىكەتتىكى 302 شەھەرنى قاپلىدى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە