باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى چاڭچۈن تەزىيەنامە يوللاپ، لى مورەنگە تەزىيە بىلدۈردى

2012.11.10 12:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. داڭلىق سەنئەتكار لى مورەن 8-نويابىر بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى. يولداش لى چاڭچۈن بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كېيىن، 9-نويابىر لياۋنىڭ خەلق تىياتىرخانسىغا تەزىيەنامە يوللاپ، يولداش لى مورەننىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىگىكە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

  تەزىيەنامىدە مۇنداق دېيىلدى: «يولداش لى مو رەن ئېلىمىزنىڭ داڭلىق سەنئەتكارى، ئۇ ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ئەمەلىيىتىدە، ئاممىنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بىر تۈركۈم بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. يولداش لى مورەن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك، سەنئەت ۋە ئەخلاقتا تەڭ يېتىشكەن، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن خەلق سەنئەتكارى، ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتىشى ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى يوقىتىش.» لى چاڭچۈن تەزىيەنامىدە يولداش لى مورەننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن چوڭقۇر ھال سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئامان بولۇشىنى تىلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە