باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى ئۇزارتتى

2012.11.09 16:14        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 7-نويابىر بىردەك قارار ماقۇللاپ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى ئالاھىدە ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى 2013-يىلى 7-مارتقىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. قاراردا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى ئالاھىدە ئۆمىكىگە ئالاقىدار خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بويىچە سومالىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، سىياسىي مۇستەقىللىقى ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەھۋالىغا تولۇق ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ھەققىدە ھوقۇق بەردى.

  سومالى 1991-يىلىدىن بۇيان ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. 2004-يىلىدىكى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش قۇدرىتى بولمىغانلىقتىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى سومالى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2007-يىلى ئافرىقا ئىتتىپاقىغا سومالىدا سەككىز مىڭ كىشىلىك تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى تەشكىللەش ھوقۇقى بەرگەن. 2011-يىلى سىنتەبىردە خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمەكنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى بۇ يىل 31-ئۆكتەبىر ئاياغلاشتۇرۇش ھەمدە بۇ يىل فېۋرال ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمەكنىڭ ئەسكىرى كۈچىنى 12 مىڭدىن 17مىڭ 731 ئادەمگە كۆپەيتىش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە