باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسلامغا قارشى فىلىم ئىشلىگۈچى بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2012.11.09 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى» ناملىق قىسقا فىلىم ئىسلام دۇنياسىنىڭ «ئامېرىكىغا قارشى غەزەپ ئوت» ىنى تۇتاشتۇرغان ئىدى، بۇ فىلىم مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن «ئىسلام دىنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ھاقارەت قىلىنغان» دەپ قارالغان. بۇ قىسقا فىلىمنى ئىشلىگەن مارك جوسف بۇ ئىشنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلانغان، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنى نۇرغۇن پۇل بىلەن مۇكاپاتلىماقچى بولغان. 7-نويابىر، جوسىف ئامېرىكىدا بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ئەمما بۇ ھۆكۈم «مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى» ناملىق فىلىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى جىنايىتىگە بېرىلگەن كېچىكتۈرۈپ ئىجىرا قىلىش جازاسىدىكى تۆت تۈرلۈك ماددىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە