باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مۇزاكىرە مەيدانىنى تاراتقۇلارغا ئېچىۋەتتى

2012.11.10 12:37        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:مەركەز كارخانىلىرى سىستېمىسى 18- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى مۇزاكىرە مەيدانىدا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئون يىللىق تەرەققىياتىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئايان بولدى. 40 نەچچە مىنۇتلۇق تاراتقۇلار زىيارىتى مەزگىلىدە، جۇڭگولۇق، چەتئەللىك يەتتە مۇخبىر ۋەكىللەرنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھازىرقى سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپمۇ قانداق؟ كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟ قاتارلىق تېمىلار مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان قىزىق نۇقتىلار بولدى.

  9- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، خېبېي ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى، جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكى، فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكى، خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكى، گۇاڭدوڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى، چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگولۇق، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرە مەيدانىنى ئېچىۋەتتى. مۇخبىرلار بۇ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىنى سىرتتىن ئاڭلاپلا قالماي يەنە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۇسۇلدا بۇرۇلۇش ياساش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تەيۋەن دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىنىڭ سودا ئالاقىسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 18- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە