باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

چەتئەل رەھبەرلىرى پارتىيەلەر ۋە تەشكىلاتلار 18-قۇرۇلتاينى تەبرىكلىدى

2012.11.10 12:37        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارتىيەلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى يېقىندا تېلېگرامما ياكى خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

  ۋېنېسۇئېلا بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پرېزىدېنت چاۋىس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان سىياسىي قېلىپ، ئىقتىسادى چىڭ، ئىنتىزامى قاتتىق ۋە تەشكىلىي يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە. جۇڭگو كومپارتىيەسىدەك قۇرۇلغاندىن باشلاپ سانسىزلىغان كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدىغان پارتىيىلا ئاندىن دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، تەرەققىياتى، مىللىي ئازادلىقى ۋە خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.

  پېرۇ مىللەتچىلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى،پرېزىدېنت ھۇمالا تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: پېرۇ بىلەن جۇڭگو ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پىلانلىنىپلا قالماستىن، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمى رامكىسىدىكى تەرەققىيات يېڭى قېلىپىدىكى پېرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىندى، قۇرۇلتاينىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  سۇدان مەملىكەتلىك كونگرىسلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى،پرېزىدېنت بەشىر تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى قۇرۇلتايدا جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەجرىبىلەر تىرىشىپ يەكۈنلىنىپلا قالماستىن، يەنە بۈگۈنكى دۇنيادا زور ئۆزگىرىش بولىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى، جۇڭگو ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى بۇ ئۆزگىرىش داۋامىدا مۇھىم ۋە ئىجابىي رول ئوينىدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا زامبىيە، ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجان، رۇمىنىيە، موڭغۇلىيە، كورىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارتىيەلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىمۇ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى تەبرىكلىدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە