باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە يەنە بىر سومالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن(1)

2012.11.10 12:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ئىبراھىم 6-نويابىر ئەنگلىيەدە سۇرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: ئەگەر كىرىزىس ھەل قىلىنمىسا سۇرىيە 2-سومالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېدى.

  ئىبراھىم شۇ كۈنىدىكى زىيارەتتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەگەر نۆۋەتتىكى كىرىزىس مۇۋاپىق ھەل قىلىنمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا سۈرىيەنىڭ كىشىنى ئەنسىرىتىدىغىنى دىنىي مەزھەپلەر ياكى ئىرقى ئايرىمچىلىق ئەمەس، بەلكى ئىچكى قىسىمدىكى مىلىتارىستلار بىلەن خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قالايمىقان ئۇرۇشى، سومالىلاشقان دۆلەتلەرنىڭ غۇلاپ چۈشۈشى بولىدۇ.

  سومالىدا 1991-يىلى ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەت يوق بولۇش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى، بۇ دۆلەتتە 2004-يىلى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى يوق.

  سۇرىيە مەركىزىي ھاكىمىيىتى نۇرغۇن زور خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنتتىن تەختتىن چۈشۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەشنى ئۈزلۈكسىز مۇراجىئەت قىلىدۇ. سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى تەشكىلات بولغان سۇرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئاناس. ئابادۇ 6-نويابىر ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تەشكىلاتىمىز سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋاقتىلىق ھۆكۈمەت قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى، لېكىن بۇ تەشەببۇس بۇندىن بۇرۇن بەزى كىشىلەر ئوتتۇرغا قويغان 50 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىك قاتلىمى قۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15 كىشى سۇرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بولۇش تەكلىپىنى چەتكە قاتمايدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خاماس مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يامانلىشىشى بىلەن خاماس ئۆكتىچىلەر تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىدى. خاماسنىڭ بىر باياناتچىسى مۇنداق دېدى: خاماسنىڭ بۇ خىل سىياسىي تاللىشى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولدى. بۇ باشارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر يوقىتىش، چۈنكى ئۇ مۇھىم كونا شېرىكىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە