باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىئوردانىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشنى تەكىتلىدى

2012.11.09 16:16        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا 7-نويابىر پايتەخت ئاممادا زىيارەتكە بارغان ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى داۋىد كامېرون بىلەن كۆرۈشكەندە ئىككى تەرەپ سۈرىيە خەلقىنىڭ 19 ئايغا سوزۇلغان ئازاب-ئوقۇبىتىگە تېزدىن خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىرلىكتە تېپىپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  ئىئوردانىيە ئوردىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون كۆرۈشۈشتە سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى، ئابدۇللا سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك دەپ تەكىتلىدى ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: سۈرىيە كىرىزىسى يەنە ئەۋج ئالىدىغان بولسا پۈتكۈل رايونغا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ دېدى.

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون: ئەنگلىيە ئىئوردانىيەنىڭ شىمالىي قىسىم چېگرىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشىنىدۇ دېدى ھەمدە ئەنگلىيە ئىئوردانىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەدىسىدە تۇرىدۇ دەپ قايتا تەكىتلىدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە