باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئارمىيىسى كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق كۈچلىرىگە چېگرا ئاتلاپ زەربە بەردى

2012.11.09 16:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ئارمىيىسى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىغا كىرىپ، ئۇ يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بەرگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ئارمىيىسى ئىراق چېگرىسىغا بەش كىلومېتىر ئىچكىرلەپ كىرىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن شۇ كۈنى تۈركىيەگە قايتىپ كەتتى. 11-ئۆكتەبىر تۈركىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنىڭ چېگرا ھالقىپ كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ھەققىدىكى تەكلىپنى ماقۇللىدى. بۇ قارار لايىھەسىگە ئاساسەن، چېگرا ھالقىپ زەربە بېرىش مۇددىتى بۇ يىل 17-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بىر يىل ئۇزارتىلدى.

  1979-يىلى قۇرۇلغان كورت ئىشچىلار پارتىيىسى قورال كۈچى ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن ئىراق، ئىران، سۈرىيە چېگرىلىنىدىغان كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ئورۇنۇپ كەلگەن. بۇ تەشكىلات 1980-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ قوراللىق خادىملىرى ھازىر كۆپىنچە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا توپلىشىۋېلىپ، دائىم دېگۈدەك تۈركىيە چېگرىسىدىن ئوغرىلىقچە كىرىپ ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە