باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى

2012.11.10 12:40        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:9-نويابىر كەچتە بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ چىراغلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئىشىك ئالدى مەيداندىكى غايەت زور فونتان سۈيى رېتىملىق ئىتىلىپ چىقىپ، 18- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسى چوڭ تىپتىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈشكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىۋاتاتتى.

  سائەت 19دىن باشلاپ، ھەر قايسى جايلاردا تۇرۇشلۇق 18- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئارقا ئارقىدىن كۆرگەزمە زالىغا كىردى. ۋەكىللەر ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ دۇنيادىكى رەت تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىش خەرىتىسى، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ ئۇدا سەككىز يىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار سېلىنمىسىنىڭ كۆپىيىشىگە مەدەت بېرىش خەرىتىسى، سۇ ئەجدىھاسى ناملىق سۇ ئاستىغا شۇڭغۇغۇچ مودېلى ئالدىدا پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىز سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ۋە تەيۋەن خىزمىتى، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەردىن تەسىرلەندى.

  18- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، بېيجىڭ 2- سودا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۈن جيې مۇنداق دېدى: فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم . ئۆتكەن ئون يىل ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور ئىلگىرىلىگەن 10 يىل، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسكەن ئون يىل، جەمئىيەتتىكى ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىگەن ۋە خەلق ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن ئون يىل، ئېلىمىزنىڭ ئۇنۋېرىسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئون بول بولغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىپتۇ.

  ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت چوڭ تىپتىكى فوتو سۈرئەت كۆرگەزمىسىدە 2110 پارچە سۈرەت،204 سخېما، 765 ئەمەلىي ماتېرىيال ۋە ۋىدىئو، ئېلېكتىرونلۇق رىشاتكا، قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى جانلىق كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ كىشىلەرگە كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى تولۇق نامايان قىلىندى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە