باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم دىلمۇرات ئىبراھىم تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

2012.11.10 09:06         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ۋەكىل دىلمۇرات ئىبراھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى مۇخبىرلىرى ئامانگۈل، مەۋلۇدەنىڭ بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى. يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتى كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۈندەيدۇ. دوكلاتتا پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەن بىر ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن پارتىيە ۋەكىلى بولۇپ، دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، بولۇپمۇ دوكلاتتىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت مەزمۇنلار مېنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى، دېدى ۋەكىل دىلمۇرات ئىبراھىم ھاياجانلانغان ھالدا.

  دوكلاتتا قىسقىغىنە 10 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپتۇ شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا ناھايتى ياخشى سىياسەت ۋە قارارلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. دوكلاتتا يەنە بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىز ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىمىز ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ ،بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش كۆرۈش، ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. مەن بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتۇمغا قايتقاندىن كېيىن مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، دوكلات روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، دوكلات روھىنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۈملىدىن تاشقورغان ناھىيەمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

  بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم پارتىيە ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىشىم. مەن ئۆزەمنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. مېنىڭ ۋەكىل بولۇپ سايلىنىشىم پارتىيە تەشكىلىي ۋە خەلقنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكى . بۇ ماڭا نىسبەتەن چوڭ شەرەپ، شۇنداقلا ئېغىر مەسئۇلىيەت. مەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن زېممەمدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  ئاساسىي قاتلام رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە يەنىلا ئاساسىي قاتلام خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى. شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ، تاشقورغان ناھىيەسىدىمۇ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى كەڭ چارۋىچىلارنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرمىللەت خەلقى بۇ قۇرۇلۇشتىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  دىلمۇرات ئىبراھىمنى خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تاشقورغان ناھىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ، شۇنداقلا شېنجىننىڭ ساھەلەر بويىچە تاشقورغانغا قىلغان ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەسلەن،شېنجىننىڭ ياردىمىدە تاشقورغان ناھىيەسىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئالدىدا تۇرالايدىغان AA دەرىجىلىك دوختۇرخانا قۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش شارائىتىدە زور ياخشىلىنىش بارلىققا كەلدى.

  تاشقورغان ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ئىزچىل ھەممە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. << ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش>>نىڭ تۈرتكىسىدە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي شارائىتىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بىز 2015-يىلىغا بارغاندا 6000 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىشنى پىلانلىدۇق.

  دىلمۇرات ئىبراھىم مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ خۇشاللىقى، بەختلىك تۇرمۇشى، يېڭى ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ تەشەككۈرىنى، شۇنداقلا يېڭى ئۈمىدلىرىنى ئېيتقىلى كەلدىم. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن يىغىن روھىنى ئەمەلىي خىزمىتىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەرمىللەت خەلقىنى تېخىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە