باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭىمىز

ئىسمائىل تېلىۋالدى، جاڭ چۈنشيەن قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى ھەم پىكىر بايان قىلدى

2012.11.10 09:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېڭ لىشىن، فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر 8 – نويابىر چۈشتىن كېيىن 2 – ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىسمائىل تېلىۋالدى، جاڭ چۈنشيەن، چې جۈن قاتارلىق ۋەكىللەر پىكىر بايان قىلدى، كۆپچىلىك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق ۋە مۇقىم شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئىسمائىل تېلىۋالدى مۇنداق دېدى: يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا دەۋر تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە چوڭ سىياسەت – فاڭجېنلار يېڭى تارىخىي پەللىدىن ئىلمىي تۈزۈلۈپتۇ؛ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپتۇ، ئىلمىي پىلانلىنىپتۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلىپ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ. دوكلات كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەدەت بېرىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، جۇڭگوچە سوتىسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۈچكە ئىگە.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس، پۈتكۈل پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. دوكلاتتا بايراق روشەن، ئەمەلىيەتچىل بولغان، نەزەرىيەۋى تۆھپىسى زور، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى تېخىمۇ مۇكەممەل، نىشانى كىشىگە تېخىمۇ مەدەت بېرىدىكەن، ئادەمنى ئاساس قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش جەھەتتە يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. دوكلاتتا پۈتكۈل پارتىيەنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى، ماركسىزمنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى، پۈتكۈل پارتىيەنىڭ ئىدىيە، تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  چې جۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تەرەققىياتنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەن روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ رول›› نى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئىككى تارىخىي ۋەزىپە››نى تاماملاش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل دىلنۇر ئېزىز ئىككى يىلدىن بۇيان ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ۋە ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلگەن ھەقىقىي ئىشلاردىن مىسال ئېلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئىللىقلىققا، ئىززەت – ھۆرمەت ۋە ئۈمىدكە تولدى. ئىشىنىمەنكى، 18 – قۇرۇلتايدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقىدا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

  مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە