باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ب د ت غا كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇشنى كېچىكتۈردى

2012.11.09 16:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىندىكى خەۋەردار ئەربابنىڭ 7-نويابىر ئاشكارىلىشىچە، پەلەستىن دائىرىلىرى 15-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنماقچى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلىتى بولۇش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى 29-نويابىرغا سۇنۇشقا كېچىكتۈرگەن.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەرباب: بۇ قارار ئامېرىكا سايلىمى ئامىلى ئويلىشىلغاندىن كېيىن ئاندىن چىقىرىلدى دېدى. 7-نويابىر ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، ئوباما يەنە بىر نۆۋەت پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى. ئوباما ئالدىنقى ۋەزىپە مۇددىتىدە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىگە قارشى تۇرغاچقا، بۇ قېتىم پەلەستىن ئوبامانىڭ پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان بولمىغانلىقىنى كۆزىتىپ باقماقچى بولدى.

  2011-يىلى سېنتەبىر پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن ئىزدىنىش ئىلتىماسىنى سۇنغان، لېكىن ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە قارشى تۇرغانلىقتىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن پەلەستىن سىنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلىتى بولۇش ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىدى.

  مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە